ناتو ئامېرىكانىڭ ياۋروپاغا قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئامېرىكانىڭ ياۋروپاغا قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

1772641
ناتو ئامېرىكانىڭ ياۋروپاغا قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئامېرىكانىڭ ياۋروپاغا قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ناتونىڭمۇ شەرقىي جەنۇبتىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىشىنىڭ ناتونىڭ يالتايتىش كۈچى ۋە مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكانىڭ ناتو تاقابىل تۇرۇش قىسمىدا 8500 ئەسكىرى ۋە ئاقدېڭىزدا ناتو قوماندانلىقى ئاستىدا  «USS Harry S. Truman» ئاۋىئاماتكىسىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ستولتېنبېرگ: «بىز ناتو تاقابىل تۇرۇش قىسملىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۈچەيتتۇق ۋە ئىتتىپاقنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا مۇداپىئەلىنىش مەقسىتىدە قوشۇمچە جەڭچى قىسىملارنى ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيەگە ھەيۋە كۆرسىتىش ئۈچۈن رۇمېنىيەگە 1000، گېرمانىيە ۋە پولشاغا 2000 بولۇپ جەمئىي 3000 ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر