نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
نىگېرىيەنىڭ كاتسىنا ئۆلكىسىدە قوراللىق ئۇنسۇرلار ئاممىغا ھۇجۇم قىلىپ 12 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 50 ئادەمنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچتى.
1771524
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قوراللىق ئۇنسۇرلار كاتسىنا ئۆلكىسىنىڭ رۇۋان گودىيا ۋە سافانا يېزىلىرىغا بېرىپ ئاممىنى قالايمىغان ئوققا تۇتقان؛ ۋەقەدە 12 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 50 ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان.