بايدىن ھۆكۈمىتى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇل تەيىنلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتى رۇسىيە، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەردىن سايلاملارغا قارىتا كەلگۈسى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە ئاخبارات ئورۇنلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇل تەيىنلىدى.

1763069
بايدىن ھۆكۈمىتى رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇل تەيىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاۋرىل ھاينېسنىڭ باياناتچىسى نىكولې دې ھاي، جېفېرېي ۋىچماننىڭ، «سايلام تەھدىتلىرى مەسئۇلى» سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستىخبارات ۋە تور ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش مەسئۇللۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) دا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، «سايلام تەھدىتلىرى مەسئۇلى»، 18 ئەزادىن تەشكىل تاپقان ئىستىخبارات جەمئىيىتىدىكى بارلىق سايلاملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش پائالىيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىكەن.

مەزكۇر ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ بارلىق تور ھۇجۇملىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە تاقابىل تۇرۇش پائالىيەتلىرى، يېڭى مەسئۇلنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر