شى جىنپىڭ ئارمىيەدىن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىلغار تېخنىكىنى ئاساس قىلغان ھەربىي مەشىقلەر ئارقىلىق «ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن قۇرۇش»نى تەلەپ قىلدى.

1758643
شى جىنپىڭ ئارمىيەدىن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي دۆلەت رەئىسى، قوشۇمچە خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە چۈشۈرگەن بۇ يىلقى تۇنجى يازما بۇيرۇقىدا، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئۇرۇش شارائىتىنىڭ ئۆزگەرگەن كارتىنىسىنى ياخشى چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

شى جىنپىڭ، ئارمىيەنىڭ تېخنىكا، جەڭ مەيدانى ۋە رەقىبلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن كۆزىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن قۇرۇش مەشىق بىلەن ئەمەلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈش ۋە تېخنولوگىيەدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئارمىيە سېپىدىكى بارلىق ئوفىتسېر - جەڭچىلەرنىڭ قوماندانلىق ۋە ئۇرۇش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ھەمدە ئىجرا قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق ياخشى لايىھەلەنگەن مەشىقلەردىن ئۆتكۈزۈلۈشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر