نىگېرىيەدە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 21 ئوقۇغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى
غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن نىگېرىيەدە 31 – دېكابىر كۈنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئوقۇغۇچىلاردىن 21 ى قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1756662
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ كاتسىنا ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى مۇھەممەد سېچۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باكۇرا رايونىدا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئوقۇغۇچىلاردىن 21 ى قۇتقۇزۇۋېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئىكەن.
گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئوقۇچىلارنىڭ تولۇق سانى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن سېچۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جاۋابكارلارنى ئاختۇرۇش - تۇتۇش ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.
ئوقۇغۇچىلار 2020 – يىلى 31 – دېكابىر كۈنى ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ساياھەت قىلىۋاتقاندا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قاچۇرۇلغانىدى.