كانادا سوتى ئىراننى تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى

كانادا سوتى ئىراننى 2020-يىلى 8-يانۋار چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇكرائىنا ئايروپىلانىدا جېنىدىن ئايرىلغان 63 كانادا پۇقراسىنىڭ ئائىلىلىرىگە تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى.

1756663
كانادا سوتى ئىراننى تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئايروپىلان ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغان ئالتە كانادا پۇقراسىنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ قىلغان ئەرزى نەتىجىسىدە ئېچىلغان سوتنىڭ ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى.

سوتنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا، ئونتارىيو (Ontario) ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئېدۋارد بېلوبابا (Edward Belobaba) ئايروپىلان ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغان ئالتە كىشىنىڭ ۋارىسلىرى ئوتتۇرىسىدا بۆلۈپ بېرىش ئۈچۈن 100 مىليون دوللارلىق تۆلەمنىڭ تۆلىنىشىگە ھۆكۈم قىلغان.

سوتچى بېلوبابا يەنە، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا يېتەكچىلىك، غەمخورلۇق ۋە دوستلۇقنى يوقىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن 1 مىليون دوللار، تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئۈچۈن 6 مىليون دوللار تۆلەم بېرىلىشىگە ھۆكۈم قىلغان.

سوتقا ئەرز سۇنغان شاھىن موغاددام، مېھرىزاد زارەئى، ئەلى گورجى بىلەن ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورققان ۋە نام-شەرىپىنى مەخپىي تۇتقان ئۈچ كىشىنىڭ ئادۋوكاتى مارك ئارنولد (Mark Arnold) س ب س تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تۆلەمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ كانادا ۋە چەت ئەللەردىكى ئىران مال-مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقىنى، ئىراننىڭ باشقا دۆلەتلەردە نېفىت پاراخوتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، قۇربانلار ئائىلىلىرىنىڭ تۆلەمنى ئېلىشى ئۈچۈن قانۇن كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «بۇ مەسىلىدىكى قانۇنىي كۈرەش ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئۆلچەمگە ئىگە. بىز شەخسىي كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ئەمما، كانادا ھۆكۈمىتى تېگىشلىك ئىشنى قىلمايۋاتىدۇ. مەن باش مىنىستىر ترۇدونىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.

ئۇكرائىنا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ «737-بويىن» تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى 2020-يىلى 8-يانۋار كىيېۋغا قاراپ ئۇچۇش ئۈچۈن خەلقئارا تېھران ئىمام ھۇمەينى ئايرودۇرۇمىدىن كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئىدى. ئايروپىلاندىكى 176 كىشىنىڭ ھەممىسى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا 63 كانادا پۇقراسىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

ئىران دائىرىلىرى دەسلەپتە ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان، ئەمما ئىران ئارمىيە باش ئىشتابى ئايروپىلاننىڭ «ناھايىتى سەزگۈر ھەربىي نۇقتا» ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقاندا «ئىنسانىي خاتا» تۈپەيلىدىن ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىلغان ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىران ھاكىمىيىتى ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 2020-يىلى 30دېكابىر جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ھەر بىر ئائىلىسىگە 150 مىڭ دوللار تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر