مالىدىكى بىر ھەربىي گازارما ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
مالىدىكى بىر ھەربىي گازارمىغا قىلىنغان بومبىلىق ھۇجۇمدا 8 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.
1755056
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان نارا بازىرىدىكى بىر ھەربىي گازارمىغا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا ۋە ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا، 8 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 12 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كەم دېگەندە 31 ھۇجۇمچى ئۇجۇقتۇرۇلغان ۋەقەدىن كېيىن رايوندا كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى.