ئالېكساندىر فۇمىن: ناتوغا رۇسىيەگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا

رۇسىيە مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئالېكساندىر فومىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ دۆلىتى بىلەن «كەڭ كۆلەملىك قوراللىق توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىش» نىشانى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1753498
ئالېكساندىر فۇمىن: ناتوغا رۇسىيەگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالېكساندىر فومىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پايتەخت موسكۋادا تۇرۇشلۇق ھەربىي دىپلوماتلىرى تەكلىپ قىلىنغان دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ناتونىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى؛ ناتونىڭ يېقىندىن بۇيان رۇسىيەنى تىزگىنلەش يولىدا قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان فۇمىن، دۆلىتىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن (1947-1991) ناتو بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا كۆپ قېتىم ئۇرۇنۇپ كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، رۇسىيەنىڭ غەربىي چېگرالىرىنى قورالسىزلاندۇرغانلىقىنى ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن «بەرپاچى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش» قا ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ناتونىڭ «رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى» نى، «ناتونىڭ ھەربىي قۇرۇلمىسىدا رۇسىيە بىلەن كەڭ كۆلەملىك قوراللىق توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا يېڭىدىن نىشانلار بېكىتىلگەنلىكى»نى ئىلگىرى سۈردى.

فومىن، ناتونىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردە، رۇسىيەنىڭ «بىخەتەرلىككە قارىتا ئاساسىي تەھدىت مەنبەسى» دەپ قارالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئالېكساندىر فومىن، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ناتوغا ھەر خىل بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 تۈرلۈك كېلىشىم لايىھەسىنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بەرپاچى مەسلىھەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى، ھەمدە ناتونىڭ تەكلىپلىرىمىزگە تېزرەك جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ھەر ۋاقىت سۆھبەتلەرنى باشلاشقا تەييارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر