ئامېرىكادا بىر ئايروپىلان پاراشوتقا سوقۇلۇپ چۈشۈپ كەتتى

ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىدا كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان بىلەن پاراشوتنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئىككى كىشى قازا قىلدى.

1751722
ئامېرىكادا بىر ئايروپىلان پاراشوتقا سوقۇلۇپ چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىئاتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى (FAA) نىڭ باياناتىدا، «Cessna 208» تىپلىق تاق ماتورلۇق ئايروپىلاننىڭ ھوستون شەھىرىگە يېقىن جايدا پاراشوتقا سوقۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئايروپىلاننىڭ سوقۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىكى، ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى ۋە پاراشوتچىنى قوشقاندا ئىككى كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر