خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

خىتاينىڭ ئىككى دانە ھەربىي پاراخوتىنىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى ئىختىلاپلىق سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدا ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1749856
خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئىشتاتىنىڭ ناھا ناھىيەسىدىكى 11-رايون ساھىل بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي پاراخوتلىرى ياپونيە دېڭىز تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلغان.

خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 04:00 ئەتراپىدا تايشو ئاراللىرىغا يېقىن جايدا ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىختىلاپلىق رايوندا بېلىقچىلىق پاراخوتلىرىغا؛  شۇ يەر ۋاقتى 09:00 ئەتراپىدا بولسا، ئاراللارنىڭ شىمالىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان نۇقتىغىچە يېقىنلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ياپونىيە ساھىل بىخەتەرلىك قىىسملىرىنىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىشى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى نەتىجىسىدە، خىتاي پاراخوتلىرى رايوندىن چىقىپ كەتكەن.

ياپونىيە «NHK» گېزىتىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭ بىلەن، خىتاي پاراخوتلىرى بۇ يىل (2021) 34-قېتىم ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن.

شەرقىي دېڭىزدا ياپونىيە «سېنكاكۇ»، خىتاي «دياۋيۈ» دەپ ئاتايدىغان تاقىم ئاراللار، بەش ئارال ۋە ئۈچ قىيالىق بار.

ئىختىلاپلىق تاقىم ئاراللاردا ھېچكىم ياشىمايدۇ.

تاقىم ئاراللار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشلىرىغا سەۋەب بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر