ئەرمېنىيە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا

ئەرمېنىيە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلەيدىغان بولدى.

1747159
ئەرمېنىيە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋان ئۇنانيان ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋان ئۇنانيان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرمېنىيەنىڭ ۋەكىل تەيىنلەش قارارىغا ئالاقىدار تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ باياناتى ئۈستىدە توختالدى.

ئەرمېنىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى شەرتسىز ھالدا نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىگە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئۇنانيان، ئەرمېنىيە تەرەپنىڭ دىيالوگ باشلاش ئۈچۈن ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلەيدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي يىغىنىدا، مىنىستىرلىقنىڭ 2022 – يىللىق خامچوت مۇزاكىلىرىدە قىلغان سۆزىدە، ئەرمېنىيەنىڭ ئەلچى ئەمەس، ئالاھىدە ۋەكىل تەيىنلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەزەربەيجانمۇ بۇنىڭ ناھايىتى توغرا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ھەر بىر مەسىلىنى ئەزەربەيجان بىلەن ماسلاشتۇرىۋاتىمىز، مۇزاكىرىلىشىۋاتىمىز، ئەزەربەيجان بىلەن بىرلىكتە قارار بېرىۋاتىمىز. ئەگەر ئەرمېنىيە يېقىنقى ۋەقەلەردىن ساۋاق ئېلىپ، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنى تاللىسا، ئەلچىخانامۇ ئېچىلايدۇ. بۇ مەسىلىدە بىز يەنە ئەزەربەيجان بىلەن بىرلىكتە قارار بېرىمىز» دېگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر