غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى قۇرۇقلۇق چېگرالىرىنى ئېچىشقا تەييارلانماقتا

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئارىدىن ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يۇقۇم سەۋەبىدىن تاقىلىپ قالغان قۇرۇقلۇق چېگراسىنى قايتىدىن ئېچىشقا تەييارلانماقتا.

1747145
غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى قۇرۇقلۇق چېگرالىرىنى ئېچىشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، 1-يانۋاردىن باشلاپ قۇرۇقلۇق چېگرالىرىنى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشتى.

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سودا، تاموژنا ۋە ئەركىن ساياھەتكە مەسئۇل كومىتېت ئەزاسى تېي كونزى ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر يىغىنىدا سۆز قىلىپ، چېگرالارنىڭ تاقىلىشىنىڭ رايون ئىقتىسادىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كونزى، رايوننىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن چېگرانى قايتىدىن ئېچىۋېتىش كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن چېگرالارنى ئالدىراپ – سالدىراپلا تاقاش خەلق ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسەتتى» دېدى.

چېگرالاردا كوۋىد -19 تەدبىرلىرىنىڭ يەنىلا يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كونزى، چېگرادىن ئۆتمەكچى بولغان بارلىق يولۇچىلارنىڭ PCR تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر