شى جىنپىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 15-دېكابىر (2021) رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ.

1746665
شى جىنپىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىننىڭ سىنلىق كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتچى خۇا چۈنيىڭ 15-دېكابىردىكى كۆرۈشۈشتە، شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىننىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت خەۋپسىزلىكى كېڭىشىنىڭ دائىمىي بەش ئەزالىرى بولغان ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆرۈشۈشى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئامېرىكا بىلەن بولغان يىرىكچىلىكى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن 16-نويابىر (2021) تەخمىنەن 3 يېرىم سائەت سىنلىق كۆرۈشكەن ئىدى.

پۇتىن بىلەن بايدىن 7-دېكابىر (2021) سىنلىق كۆرۈشكەن ئىدى.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى كۆرۈشۈشتىن كېيىن، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر