لىۋىيەدە 24-دېكابىر سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

لىۋىيەدە مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھامىد دىبەيبەنىڭ ئورنىغا ۋاكالىتەن ۋەزىپىگەن تەيىنلەنگەن رامازان ئەبۇ جەناھ، ھۆكۈمەتنىڭ 24-دېكابىردا سايلام ئۆتكۈزۈش پىلانىغا تەييارلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1746598
لىۋىيەدە 24-دېكابىر سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەدە مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھامىد دىبەيبەنىڭ ئورنىغا ۋاكالىتەن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن رامازان ئەبۇ جەناھ، مىنىستىرلار بىلەن بىرلىكتە پايتەخت تىرىپولىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ: «24-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامغا تەييارلىق قىلىش ۋەزىپىسى ئورۇنلاندى. مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمىتى سايلامنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئەركىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن سايلام كومىتېتىنى قوللىدى. مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەتنى سايلامدىن چىققان ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىدۇ» دېدى.

لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى خالىد مازىن مىنىستىرلىقنىڭ سايلام مەركەزلىرىنى قوغداش ۋە بېلەت تاشلاش ئىشلىرىنىڭ تەلەپ قىلىنغان شەكىلدە ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەدلىيە مىنىستىرى ھالىمە ئىبراھىم سايلام جەريانىنى كۆزىتىش ۋە تېخنىكىلىق ياردەملەر ئۈچۈن خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنى تەكلىپ قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر دىبەيبە سايلامدا پىرېزىدېنت نامزاتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆتكەن ھەپتە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى مۇئاۋىنى رامازان ئەبۇ جەناھقا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر