ھىندىستان باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قازا تەكشۈرۈلمەكتە

ھىندىستان، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى بىپىن راۋات قاتارلىق 13 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەربىي تىك ئۇچار قازاسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

1745207
ھىندىستان باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قازا تەكشۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە توغرىسىدا پارلامېنتتا بايانات ئېلان قىلغان ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگ، تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

سىنگ، ھاۋا ئارمىيەسى مەشىق قوماندانى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسى ئاۋىياتسىيە مارشالى ماناۋېندرا سىنگ باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تۈنۈگۈن يېڭى زېلاندىيە پايتەختى ۋېللىنگتونغا يېتىپ بېرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سىنگ، تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن «جىددىي ئەھۋال» مەلۇم قىلمىغانلىقىنى، ھەمدە ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننىڭ ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچار ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

تۈنۈگۈن ھىندىستان ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بىپىن راۋاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 ئادەمنى ئېلىپ ماڭغان ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان تامىل نادو ئۆلكىسىدە چۈشۈپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر