ب د ت: يېقىندىن بۇيان ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغۇچىلار سانى كۆپىيىۋاتىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇساپىرلار ئىشلىرى ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندى، يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1744477
ب د ت: يېقىندىن بۇيان ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغۇچىلار سانى كۆپىيىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گراندى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دوكلات بېرىپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ يېڭى مۇساپىرلار كىرىزىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ، ئافغانىستاندىكى 23 مىليون كىشىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاچارچىلىق شارائىتىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پاناھلىنىش، پاكىز ئىچىملىك ​​سۈيى ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن 3 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

گراندى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە تايىنىپ ئىقتىسادنى قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئافغانىستاندىكى بۇ نېگىزلىك مەسىلىگە قارشى ئىلگىرىلەشنىڭ ئاستا بولۇشى ئىنتايىن خەتەرلىك» دېدى.

ئۇ يەنە: «يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان ئافغانىستانلىقلار سانىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بىز دۆلەت ۋە ئىقتىسادتىكى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئېغىر ۋەيران بولۇشنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراق جايلارغا قېچىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك دەرىجىدە ھەرىكەتلەندرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر