ئەتە ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن  جو بايدىن ئۆزئارا مۇزاكىرەلىشىدىغان بولدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئەتە (2021-يىلى 7-دېكابىر) ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇزاكىرەلىشىدۇ.

1743649
ئەتە ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن  جو بايدىن ئۆزئارا مۇزاكىرەلىشىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىقى (كرېمىل سارىيى) نىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەتە پايتەخت موسكۋادا پۇتىن بىلەن بايدىننىڭ سىنلىق كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پېسكوۋ يىغىننىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەپ، 16-ئىيۇن (2021) شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدە بىرلىككە كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ ئىككى رەھبەر تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پېسكوۋ: «ئەلۋەتتە ناچار ھالەتتە تۇرۇپ قالغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئىككى رەھبەر كۈنتەرتىپتىكى قىززىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرەلىشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئالدى بىلەن ئۇكرائىنادىكى جىددىيچىلىك، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ چېگرامىزغا قاراپ ئىلگىرىلىشى ۋە پۇتىننىڭ بىخەتەرلىك كېپىللىكى مەسىلىسىدىكى تەشەببۇسلىرىمۇ بار» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر