ئىران غەرب دۆلەتلىرىدىن ياخشى نىيىتىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى

ئىران ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى «ياخشى نىيىتى» نى كۆرسەتسە، ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يادرو سۆھبىتىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1741832
ئىران غەرب دۆلەتلىرىدىن ياخشى نىيىتىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان تۋىتتېر ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئىران بىلەن ۋىيېننادىكى يادرو كېلىشىمىگە قاتناشقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئابدۇللاھيان ئىرانغا ۋاكالىتەن سۆھبەتكە قاتناشقان باش مۇزاكىرەچى ۋە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باكىرى بىلەن ھەر كۈنى ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، سۆھبەتنىڭ ئەستايىدىل ۋە ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش قاتارلىق ئاساسلىق مۇھىم نۇقتىلارغا ماس ھالدا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئەگەر غەرب ياخشى نىيىتىنى كۆرسەتسە، كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن. بىز ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئۆلچەملىك ۋە نەتىجىنى ئاساس قىلغان دىيالوگ تەلەپ قىلىمىز »دېدى.

ئىران بىلەن يادرو كېلىشىمىگە قاتناشقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئامېرىكانىڭ كېلىشىمگە قايتىشى مۇزاكىرە قىلىنغان 7-ئايلانما سۆھبەت 29-نويابىر (2021) ئارىدىن بەش ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن باشلانغان ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتناشقان سۆھبەتلەرگە، 2018-يىلى بىر تەرەپلىمە ھالدا كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققان ئامېرىكا ۋاسىتىلىك قاتناشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر