ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1741836
ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان مۇداپىئە قىسىملىرى ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى قوماندانى مۇئاۋىن ئادمىرال يۇئاسا خىدەكى بىلەن ئامېرىكا 7-فىلوتىنىڭ قوماندانى، مۇئاۋىن ئادمىرال كارل توماس ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسى USS Carl Vinson دا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى ۋە ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىككى تەرەپنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

يۇئاسا، رايوننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى زورلۇق ئىشلىتىپ ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن، دېڭىز بىخەتەرلىكىگە كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان مۇداپىئە قىسىملىرى ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» تەسەۋۋۇرى سىياسىتىنى تىلغا ئېلىپ، دوستانە دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيەلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

توماس بولسا، ئىتتىپاقداشلار ۋە دوستانە دۆلەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ كۈچلىرىنى نامايان قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارشى ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى.

يىغىن دائىرىسىدە F35C ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ قوزغىلىش ۋە قونۇش پائالىيەتلىرى ئورۇندالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر