ئافغان قىزى شاربات گۇلا ئىتالىيەدىن پاناھلىق تىلىدى

«National Geographic» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىقىرىلغان فوتو – سۈرىتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داڭق چىقارغان ئافغان قىزى شاربات گۇلا ئىتالىيەدىن پاناھلىق تىلىدى.

1739260
ئافغان قىزى شاربات گۇلا ئىتالىيەدىن پاناھلىق تىلىدى
Sharbat Gula.JPG
Sharbat Gula.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە ھۆكۈمىتى، تالىبانلار ئافغانىستاننى كونترول قىلىپ ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ۋەتىنىدىن چىقىپ كېتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گۇلاغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىتالىيە ھۆكۈمىتى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئافغانىستان پۇقراسى شاربات گۇلانىڭ ئىتالىيە پايتەختى رىمغا يېتىپ كەلگەنلىكى كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

شاربات گۇلا 1985- يىلى (پاكىستان)نىڭ پېشاۋار شەھىرىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە ئامېرىكالىق فوتوگراف ستىۋ ماككۇرى تارتقان بىر فوتو – سۈرىتىنىڭ «National Geographic» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلىشى بىلەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر