تۇنىس دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈزلەرچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۇنىسنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان سافاكسقا قاراشلىق كەركەنە ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە، بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلەرچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1739255
تۇنىس دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈزلەرچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كەركەنە دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈزلەرچە قالايمىقان كۆچمەننىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، تۇنىس ساھىل بىخەتەرلىك خادىملىرى تاپشۇرۇۋالغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن كەركەنە ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆچمەنلەر ئولتۇرغان بىر قولۋاقنى توختاتقان ۋە نەتىجىدە 93 كىچىك بالا، 13 ئايال بولۇپ، جەمئىي 487 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

كۆچمەنلەردىن 162 نەپىرى مىسىر، 104 نەپىرى باڭلادىش، 81 نەپىرى سۈرىيە، 78 نەپىرى ماراكەش، 13 نەپىرى ئېفىيوپىيە، 49 نەپىرى ئافرىقادىكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەر ئىكەن.

قۇتقۇزۇۋېلىنغان قالايمىقان كۆچمەنلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن سافاكس پورتىغا ئاپىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر