رۇسىيەدە كۆمۈر كان قازاسىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 52 گە يەتتى

رۇسىيەنىڭ كېمېروۋو كۆمۈر كېنىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ  52 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1739121
رۇسىيەدە كۆمۈر كان قازاسىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 52 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېمېروۋو رايونىغا جايلاشقان كۆمۈر كاندا تەخمىنەن 250 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئوت ئاپىتىدە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتى خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 52 كىشى قازا قىلغان.

تۈنۈگۈن كېمېروۋو رايونىغا جايلاشقان كۆمۈر كاندا تەخمىنەن 250 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى، ئوت ئاپىتىدە، كەم دېگەندە 11 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 45 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە 239 كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر