يەمەندىكى ئىچكى كۆچۈش ئەندىشە پەيدا قىلماقتا

يەمەننىڭ ھۇدەيدە ۋىلايىتىدە جۈمە كۈنىدىن بۇيان 6200 كىشى ئىچكى كۆچۈش سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.

1733897
يەمەندىكى ئىچكى كۆچۈش ئەندىشە پەيدا قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، يەمەن ھۆكۈمىتى ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھۇدەيدە ۋىلايىتى ئەتراپىدىكى بازىلىرىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا دۇرەيھىمى، بەيت ئەل فاقىھ رايونى ۋە ئەل تۇھايتا ناھىيەسىنىڭ كونتىروللۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان قسىملارنىڭ بۇ رايونلاردىن ئايرىلىپ ھۇدەيدەنىڭ 90 كىلومىتىر جەنۇبىدىكى خۇخا رايونىغا ئورۇنلاشقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ب د ت ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا، رايوندىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بېكار بولغان رايونلارنى خۇسىي قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئىگىلىۋالغانلىقى، ئەمما ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ خۇسىيلارغا قارشى قاتتىق تۇقۇنۇشلىرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىن بۇيان رايوندىن تەخمىنەن 4900 كىشىدىن تەركىب تاپقان 700 ئائىلە خۇخا رايونىغا، تەخمىنەن 1300 كىشىدىن تەركىب تاپقان 184 ئائىلە ھۇدەيدەنىڭ جەنۇبىدىكى ئەل-مۇھا رايونىغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. خۇخاغا يېڭى كەلگەن كۆچمەنلەر سەۋەبىدىن 300 چېدىرلىق يېڭى لاگېر رايونى قۇرۇلغان.

بۇ رايونلارنى بوشىتىپ كەتكەن قوراللىق كۈچلەرنىڭ يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن ئىتتىپاقداش، ئەمما يەمەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قوللىغان خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر