دىبەيبەنىڭ پىرېزىدېنتلىققا نامزات بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى
لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبەنىڭ 24- دېكابىر لىۋىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا كاندىدات بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
1730738
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان دىبەيبەگە يېقىن بىر زات : «باش مىنىستىر ئابدۇلھەمىد دىبەيبە كېلەر نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا كاندىدات بولىدۇ» دېدى.
ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ سايلام قانۇنى مەسىلىسىدىكى داۋاملىشىۋاتقان ئىختىلاپلىرىغا قارىماي، لىۋىيە مەملىكەتلىك يۇقىرى سايلام كومىتېتى 24-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق ۋە پارلامېنت سايلىمىغا نامزات كۆرسىتىش ئىلتىماسىنىڭ ئەتە باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.