ئەنگلىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى دورىسىنى بىرىنچى بولۇپ تەستىقلىدى

ئەنگلىيە ئامېرىكانىڭ مېرك (Merck) دورىگەرلىك شىركىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان دورا ئىشلىتىشنى بىرىنچى بولۇپ تەستىقلىدى.

1729472
ئەنگلىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى دورىسىنى بىرىنچى بولۇپ تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دورىلانى ​​نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى (MHRA) مېركنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان مولنۇپېراۋىر (Molnupiravir) دورىسىنى ئىشلىتىشنى تەستىقلىدى.

بۇنىڭ بىلەن، ئەنگلىيە ۋاكسىنادىن كېىين دورىنى تەستىقلىغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى.

ئامېرىكا ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، مېركنىڭ باشلىقى روبېرت م. داۋىس (Robert M. Davis): «مولنۇپېراۋىر دورىسىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بېمارلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېز ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئەنگلىيەدە لاگېۋرىيو (Lagevrio) دەپ نام بېرىلمەكچى بولغان دورىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار، مولنۇپېراۋىرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرى يۇقىرى بولغانلار ئۈچۈن ئۆلۈم ياكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىش نىسبىتىنى يېرىمغا چۈشۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر