ئافغانىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي دوختۇرخانىسىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي دوختۇرخانىسىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.
1728167
![ئافغانىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي دوختۇرخانىسىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/544c/c50a/bf79/618105ddbd52b.jpg?time=1718729672)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرىنچى بومبا ۋەزىر ئەكبەر خان رايونىدىكى سەردار مۇھەممەد داۋۇد خان دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا پارتىلىغاندىن كېيىن، ئەتراپتا يەنە ئىككىنچى بومبىمۇ پارتلىدى.
پارتىلاشتىن كېيىن، دوختۇرخانا ئىچىدىن قورال ئاۋازلىرى ئاڭلاندى.
تالىبان ئەمەلدارلىرى بۇ ۋەقە ھەققىدە تېخىچە بايانات ئېلان قىلمىدى، ئەمما رايونغا كىرىش - چىقىش چەكلەندى.
ھۇجۇمدا ئۆلۈم-يېتىم بولغان ياكى بولمىغانلىقى تېخى نامەلۇم.