ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمىنى ئىسپاتلىدى
كوۋىد—19 يۇقۇمىغا قارشى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ۋاكسىنىلارنىڭ بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى 9 ساغلاملىق ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلدى؛ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، Pfizer ، Moderna ۋە Johnson and Johnson ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن 11 مىليون ئادەم تەكشۈرۈلگەن، 7 ساغلاملىق مەركىزىنىڭ 2020-يىلى 12-ئايدىن 2021-يىلى 7-ئايغىچە بولغان جەرياندىكى ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇماتلىرىمۇ تەكشۈرۈلۈپ ئانالىز قىلىنغان.
ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرنىڭ كوۋىد -19 دىن باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ ۋاكسىنا ئەملەتكۈزمىگەنلەرگە قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان تەكشۈرۈشتە، Pfizer / Biontech ۋاكسىنىسىنىڭ ھەر ئىككى قۇتىسىنى ئەملەتكەنلەرنىڭ ۋاكسىنا ئەملەتكۈزمىگەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا، كوۋىد—19 دىن باشقا كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنىڭ %34 تۆۋەن ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
تەتقىقات ئارقىلىق Kovid-19 ۋاكسىنىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغان بولدى.