سۇداندا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى گېنېرال ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋېتىپ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

1724613
سۇداندا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇرھان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىدا بەرگەن باياناتىدا، سايلامنىڭ ئىلگىرىكى پىلان بويىچە 2023-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سۇداندا بىر گۇرۇپپا ئەسكەرنىڭ ئەتىگەن تەرەپلەردە باش مىنىستىر ئابدۇللاھ ھەمدۇك ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ شېرىكى بولغان پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىشىدىن كېيىن، پايتەخت خارتۇمدىكى بەزى رايونلاردا نامايىشلار باشلانغان، بەزى يوللاردا نامايىشچىلار بالون كۆيدۈرۈپ، يوللارنى تاقىغانىدى.

سۇدان ئۇچۇر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ۋە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ بەزى مىنىستىرلىرىنىڭ، ھەربىي كۈچلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ھەربىي كۈچلەرنىڭ، پايتەخت خارتۇمنىڭ ئومدۇرمان رايونىدىكى رادىيو-تېلېۋىزىيە مەركىزىگە بېسىپ كىرىپ، نۇرغۇن خىزمەتچى – خادىمنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلگەنىدى: «ھەربىي كۈچلەر، ئۇمدۇرماندىكى رادىيو-تېلېۋىزىيە مەركىزىگە بېسىپ كىرىپ، نۇرغۇن نۇرغۇن خىزمەتچى – خادىمنى تۇتقۇن قىلدى، نەزەربەند قىلىنغان سۇدان باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ ھەمدۇك، خەلقنى كوچىلارغا چىقىپ،  تىنچ نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.»

بۇ ئارىلىقتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەريەم سادىق ئەلمەھدى، باش مىنىستىر ئابدۇللاھ ھەمدۇكنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ، «ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋال» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، ھەمدە تېلېۋىزىيە قانىلىدا بەرگەن باياناتىدا، ئۇچۇر – ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىشى ۋە كۆۋرۈكلەرنىڭ تاقىلىشى سەۋەبىدىن مىنىستىرلار ئوتتۇرىسىدا ئالاقە ئورنىتىلالمايۋاتقانلىقىنى،  پۇقراۋى ھۆكۈمەت بىلەن ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئېغىر سىناقتىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ھەرقانداق شەكىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش رەت قىلىنىدۇ، بىز بارلىق پۇقراۋى يوللار ئارقىلىق بۇنىڭغا قارشى تۇرىمىز» دېگەنىدى.

ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇلفەتتاھ ئەل بۇرھاننىڭمۇ ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

سۇداندىكى سىياسىي پارتىيەلەر، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسىدىن كېيىن، پۇقراۋى ئىتائەتسىزلىك چاقىرىدا بولدى، سۇدان كەسپىي ئۇيۇشمىلار بىرلەشمىسى بولسا، خەلقنى كوچىلارغا چىقىپ، نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتتىكى ھەربىي پائالىيەتلەردىن كېيىن، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون لىنىيەلىرىدە ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر