ئىتالىيە باش مىنىستىرى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دراگى  رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1721833
ئىتالىيە باش مىنىستىرى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، دراگى بىلەن پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئافغانىستان كىرىزىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، كېلەر ھەپتە چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە ئىتالىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر