نىگېرىيەدە قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىلدى

نىگېرىيەدە بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەرىكەت قىلىۋاتقان بورنو ئىشتاتىدا، قوراللىق قارا گۇرۇھلارغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 76 كىشى تۇتۇلدى.

1719437
نىگېرىيەدە قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە بورنو ئىشتاتلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ كومىسسارى ئۇمار ئابدۇ ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئىشتاتنىڭ چىبوك، جېرى، كوندۇگا ۋە مافا رايونلىرىدا قارا گۇرۇھلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھەربىي ھەرىكەتلەردە 76 قارا گۇرۇھ ئەزاسىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كۆپ مىقداردا ئوق-دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

نىگېرىيەدە 2008-يىلى چارۋىچىلار ۋە دېھقانلارنىڭ توقۇنۇشى بىلەن باشلانغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى، 2015-يىلدىن باشلاپ گۆرۈگە ئېلىش ۋە بۇلاش ھەرىكەتلىرىگە ئايلاندى.

نىگېرىيەدە يېقىنقى ئۈچ ئايدا قوراللىق قارا گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلاردا مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. ئۆتكەن يىلى (2020) ئاپرېل ئېيىدىن ئىيۇل ئېيىغىچە داۋاملاشقان <<پۇف ئاددېر ھەرىكىتى>> (Puff Adder) دە 2 مىڭ 504 قارا گۇرۇھ ئەزاسى تۇتۇلغان بولۇپ، فىديە ئۈچۈن ئېلىپ قېچىلغان 207 كىشى قۇتقۇزۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر