ئەنگلىيەدە ئەسكەرلەر يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىدۇ

ئەنگلىيە قوراللىق قىسىملىرى دۈشەنبىدىن باشلاپ ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا يېقىلغۇ توشۇشقا باشلايدۇ.

1713645
ئەنگلىيەدە ئەسكەرلەر يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، 100 نەپىرى شوپۇر بولۇپ جەمئىي 200 ئەتراپىدا ئەسكەرنىڭ ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن «ۋاقىتلىق» ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىر ھەپتە بويىچە ماي تانكېرلىرى ۋە ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ئىسكىلاتلىرىنى قانداق تولدۇرۇشنى ئۆگەنگەن ئەسكەرلەر، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە تۇنجى قېتىملىق يۆتكەش – تەمىنلەش خىزمىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، 300 گە يېقىن چەت ئەل يېقىلغۇ تانكېرى شوپۇرىمۇ مارتنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەش ئۈچۈن پات يېقىندا ئەنگلىيەدە خىزمەتكە چۈشىدۇ.

بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى كەم دېگەندە 26 پىرسەنت ماي قاچىلاش پونكىتىدا بېنزىن ياكى دىزېل يوق ئىكەن.

كىرىزىس ئالدىنقى ھەپتە BP ۋە تېسكو بىرلەشمىسىنىڭ دۆلەت مىقياسىدا ئېغىر تىپتىكى قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن باش كۆتۈرگەنىدى.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پونكىتلارنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتلەر شەكىللەنگەن، بەزى پونكىتلاردا يېقىلغۇ تۈگەپ كەتكەنىدى. مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قىسقا مۇددەت ئەسكەرلەردىن پايدىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر