ئېكۋاتوردىكى بىر تۈرمىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋاتوردىكى بىر تۈرمىدە يۈز بەرگەن شايكىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 24 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، 48 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1712096
ئېكۋاتوردىكى بىر تۈرمىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋاتورنىڭ گۇاياكۇئىل شەھىرىدىكى لىتورال تۈرمىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شايكىلار ئوتتۇرىسىدىكى كاتتىباشلىق تاشلىشىش كۈرىشى پەيدا قىلغان توقۇنۇشتا بەش مەھبۇس بېشى ئېلىنىپ، قالغانلىرى ھەر خىل تىغلىق سايمانلار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، 24 ئادەم قازا قىلغان، 48 ئادەم يارىلانغان ۋەقەلەرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ساقچى ۋە ھەربىي قىسىملارنىڭ تۈرمىگە يېتىپ كەلگەنلىكى ئۇچۇرى ئورتاقلىشىلدى.

رايون ئاھالىسى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا، نۇرغۇن مەھبۇسلار ئۆگزىگە چىقىۋالغان، تۈرمىدىن مىلتىق ۋە پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلىنىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، توقۇنۇش لوس لوبوس ۋە تىگېرونېس شايكىسى ئەزالىرى جايلاشقان 8- ۋە 9-نومۇرلۇق بۆلۈمدە باشلانغان.

7- ئاينىڭ 23- كۈنى ئېكۋاتوردىكى ئوخشىمىغان ئىككى تۈرمىدىكى مەھبۇسلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىقتا 21 ئادەم قازا قىلغان، 35 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر