كىشىدا فۇمىئو ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە سايلاندى

سابىق تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى باشلىق سايلىمىدا غەلبە قىلدى.

1711980
كىشىدا فۇمىئو ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ياپونىيە ئىسلاھات ئىشلىرى ۋەزىرى كونو تارو، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىشىدا فۇمىئو ۋە سابىق ئىچكى ئىشلار ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرلىرى نودا سەيكو ۋە تاكاچى ساناي قاتارلىقلار رىقابەتلەشكەن باشلىق سايلاش سايلىمىدا كىشىدا فۇمىئو غەلىبە قىلدى؛ كىشىدا پارلامېنتتا باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

سايلامنىڭ بىرىنچى ئايلانمىسىدا ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن كونو بىلەن كىشىدا ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىگە قاتناشتى؛ نەتىجىدە  كونو 131 بېلەتكە ئېرىشتى، سابىق تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كىشىدا 249 بېلەتكە ئېرىشىپ ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى.

كىشىدا 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى كومېيتو كونتروللۇقىدىكى ئاۋام پالاتاسى (شۇئۇگىئىن) يىغىنىدا ياپونىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى دەپ ئېلان قىلىنىدۇ.

سابىق باش ۋەزىر شىنزو ئابې سالامەتلىكىنى باھانە قىلىپ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن،  2020- يىلى 9- ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان باش ۋەزىر سۇگا يوشىخىدې سايلامغا قاتناشماسلىقنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر