گوللاندىيە باش مىنىستىرى ھۇجۇم ياكى تۇتقۇن قىلىش تەھدىتى ئاستىدا تۇرماقتا

گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتېغا قارىتىلغان ھۇجۇم ياكى تۇتقۇن قىلىش ئېھتىماللىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىگىلەنگەن ئىستىخباراتقا ئاساسەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1710915
گوللاندىيە باش مىنىستىرى ھۇجۇم ياكى تۇتقۇن قىلىش تەھدىتى ئاستىدا تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە، مارك رۇتتېنىڭ خان جەمەتى ۋە دىپلوماتىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن ساقچىلار تەرىپىدىن تېخىمۇ بەك قوغدىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مۇھىم مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خەۋەرلەردە، رۇتتېنىڭ تەشكىللىك جىنايەت تەشكىلاتى «موكرو-مافىيە» تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىش ياكى تۇتقۇن قىلىش نىشانى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

رۇتتېنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىگە دائىر ئىستىخباراتنىڭ سېنتەبىرنىڭ بېشىدا كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن خەۋەردە يەنە، باش مىنىستىرنىڭ ئەتراپىدا ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا «موكرو-مافىيە» تەشكىلاتىغا تەۋە ئاتالمىش ​​«پايلاقچىلار» نىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىشنى خالىمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر