ياۋروپا ئىتتىپاقى: تۈركىيە بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىش دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل تۈركىيە بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1709953
ياۋروپا ئىتتىپاقى: تۈركىيە بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىش دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 76 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنلىرى ئەسناسىدا چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن، ئۇچرىشىشتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، قىبرىس مەسىلىسى، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق، تۈركىيە بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىش، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىدۇر.»

چاۋۇشئوغلۇمۇ، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مۇقىملىق ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى شەرت» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر