خۇسىيلارغا تەۋە بومبا قاچىلانغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلار تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يوللانغان يەنە بىر بومبا قاچىلانغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (UAV) نىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1709632
خۇسىيلارغا تەۋە بومبا قاچىلانغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندىكى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي ئاگېنتى «SPA» غا بەرگەن باياناتىدا، خۇسىي قوراللىق ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى خامىس مۇشايت رايونىغا يوللانغان يەنە بىر بومبا قاچىلانغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ھۇسىيلار بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق  بايانات ئېلان قىلمىدى.

تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان يەنە بىر باياناتتا، مەزكۇر رايونغا خۇسىيلار تەرىپىدىن يوللانغان ئىككى بومبا قاچىلانغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا پات پات باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر