ياۋروپا ئافغانىستاندىكى مەۋجۇدىيىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تالىباننىڭ كونتروللۇقىدىكى ئافغانىستاندىكى مەۋجۇدىيىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1708730
ياۋروپا ئافغانىستاندىكى مەۋجۇدىيىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ بۈگۈن قوبۇل قىلىنغان ئافغانىستان توغرىسىدىكى قارارىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى، ھەمدە ئافغان خەلقىنى قوللاشنى خالايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك يېقىن كەلگۈسى ھەرىكەت شەكلىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن قاراردا، ئىتتىپاقنىڭ دۆلەتنىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى  ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش نىيىتى بارلىقى قەيت قىلىندى ۋە تالىباننىڭ قانۇنىي دەپ قارالمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى، تالىبان بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقىنى نەزەردە تۇتىدىغان بەش تۈرلۈك شەرتكە ئاساسەن شەكىللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سېنتەبىر ئېيىدا يىغىن چاقىرىپ، تالىباننىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تېررورچى ئېكسپورت قىلماسلىقى، كىشىلىك ھوقۇققا، قانۇننىڭ كۈچىگە ۋە مېدىيا ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرنى يەتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى، ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشنى خالايدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ۋە خەتەر ئاستىدىكى ئافغانلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىشى، ئافغانىستاندىكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ سىغدۇرۇشچان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشى قاتارلىق بەش شەرتنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئافغانىستان مەسىلىسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن مەزكۇر قاراردا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاننىڭ بىۋاسىتە قوشنىلىرى بىلەن «رايونلۇق سىياسىي ھەمكارلىق مۇنبىرى» قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى، بۇنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر