ئامېرىكادا بۇ يىل زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپىيىپ كەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بۇ يىل قوراللىق  زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ كەتتى.

1708728
ئامېرىكادا بۇ يىل زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپىيىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان  « Gun Violence Archive (GVA) » ئورگىنىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2021 –يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تېز سۈرئەتتە ئەۋج ئېلىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تارىخىدىكى «ئەڭ قورقۇنچلۇق يىللاردىن بىرى» دەپ ئاتالغان. جۈملىدىن، دۆلەتتە بۇ يىل 14 مىڭ 723 جىنايەت ۋە قورقۇنچلۇق قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «كوۋىد – 19» يۇقۇمى پارتلىغان 2019 – يىلى 15 مىڭ 454 قوراللىق ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، 2020 – يىلى بۇ رەقەم % 26 لىك ئېشىش بىلەن 19 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

2021 – يىلى ئاممىۋى قوراللىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېشىش كۆرۈلگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 510، سېنتەبىر ئېيىنىڭ دەسلەپكى 19 كۈنىدە بولسا 41 ئاممىۋى جىنايەت يۈز بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر