ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافغانلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىدىن قېچىش بىلەن ئەيىبلەندى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇساپىرلار تەشكىلاتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەنقىدلەپ، ياردەمگە موھتاج ئافغانىستانلىقلارنى قوللاشنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

1707284
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافغانلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىدىن قېچىش بىلەن ئەيىبلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، قىزىل كرېست جەمئىيىتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ئوكسفام قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان خەلقئارالىق 24 تەشكىلات، ياردەمگە موھتاج ئافغانىستانلىقلار ھەققىدە بىرلەشمە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

«ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىدىن قېچىشنىڭ ئورنىغا، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، ئافغانىستاندىكى 18 مىليون كىشىنىڭ جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە موھتاج ئىكەنلىكى، مىڭلارچە كىشىنىڭ ھېلىھەم دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشنى خالايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوغداشقا موھتاج ئافغانىستانلىقلارنى بىخەتەر يول بىلەن تەمىنلىشى ۋە «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش» پىروگراممىسىنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى، شۇنداقلا ئىتتىپاقنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى كەلگەن دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىشلار، مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشى، تەكشۈرۈلۈشى ۋە جازالىنىشى تەلەپ قىلىندى.

«ئافغانىستانلىقلارنىڭ رەت قىلىنغان بارلىق پاناھلىق تەلەپلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تۇتۇپ تۇرۇش قارارلىرى چوقۇم تېزدىن تەكشۈرۈلۈشى كېرەك» دېگەن تەۋسىيەگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، ئافغانىستانلىقلارنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنىڭ رەسمىي شەكىلدە توختىتىلىشى، ئۇلارنىڭ قانۇنىي سالاھىيەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە تۇرۇش ھوقۇقى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنىڭ ئورنىنى ئېلىشى، <ياۋروپا ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدىكى ئافغانىستانلىق مۇساپىرلارنىڭ ئېنىقسىز ھالەتتە تاشلاپ قويۇلماسلىقى» چاقىرىق قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىك سالمىقىدىن پايدىلىنىپ، تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ۋە ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتمەكچى بولغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىخەتە ئايرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر