ياپونىيە رۇسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

توكيو بىر رۇس ئايروپىلانىنىڭ ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا دەخلى قىلىشىغا «قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى».

1706014
ياپونىيە رۇسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ باش كاتىپى كاتو كاتسونوبۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇس ئايروپىلانىنىڭ دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى خوككايدودا سادىر قىلغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

رۇس ئايروپىلانىنىڭ ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكلىرىنى تىلغا ئالغان كاتو، موسكۋا ھۆكۈمىتىنى بۇ ۋەقەنى تەكرارلىماسلىققا چاقىردى.

ئۇ يەنە، ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەگە ئۇلتىماتوم تاپشۇرغانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلىپ، توكيونىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، بىر رۇس ئايروپىلانىنىڭ 12-سېنتەبىر ئەتىگەندە ئىككى قېتىم خوككايدونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى شىرېتوكو يېرىم ئارىلى ھاۋا بوشلۇقىغا دەخلى قىلغانلىقىنى، ياپونىيە ھاۋا مۇداپىئە ئارمىيىسى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىدىن كېيىن ئانتونوۋ ئان-26 تىپلىق رۇس ئايروپىلانىنىڭ رايوندىن يىراقلاشقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر