ئەشرەف غېنى ئافغانىستان خەلقىدىن ئەپۇ سورىدى

تالىبان ئافغانىستاننى كونترول قىلغاندىن كېيىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىۋاتقان سابىق پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنى، ئافغانىستان خەلقىدىن ئەپۇ سورىدى.

1705268
ئەشرەف غېنى ئافغانىستان خەلقىدىن ئەپۇ سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «كابۇلدىن ئايرىلىش ھاياتىمدىكى ئەڭ قىيىن قارار ئىدى» دېدى ۋە پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆزىنىڭ 90-يىللاردىكى ئىچكى ئۇرۇشتا باشتىن كەچۈرگەن ئوخشاش ئۇرۇش مۇھىتىنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، دۆلەتتىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ئافغانىستان خەلقىدىن ئەپۇ سورىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ خەلقىدىن ئايرىلىشنى ئويلىمىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشتىن باشقا ئامالىنىڭ قالمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى قېچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئافغانىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان 72 ياشلىق ئەشرف غېنى، پات يېقىندا «ئۆزىنىڭ قېچىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ۋەقەلەر» نى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا 2020-يىلى 2-ئايدا ھاسىل قىلىنغان تىنچلىق كېلىشىمى رامكىسىدا، خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى باشلانغان ئىدى.

كېلىشىمدە، چەت ئەل كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىق بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما تالىباننىڭ ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قاراتقان ھەرىكىتى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان.

تالىبان بىر تەرەپتىن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن دوھادىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، 6-ئايدىن باشلاپ شىددەتلىك ھۇجۇملار ئارقىلىق ئافغانىستاندىكى نۇرغۇن ناھىيەلەرگە؛ يېقىنقى بىر ئايدا بولسا، ۋىلايەت مەركەزلىرىگە ئىگە بولدى.

 

تالىبان پايتەخت كابۇلنى قورشاۋغا ئالدى ۋە 8-ئاينىڭ 15-كۈنى پرېزىدېنت ئەشرەف غېنى قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، جەڭ قىلمايلا شەھەرنى كونتروللۇقىغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر