ماككائۇل، تالىباننىڭ ئامېرىكالىقلارنى ئەسىر ئېلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ماككائۇل تالىبانلارنىڭ مازار شەرىف ئايرودرومىدا 6 ئامېرىكا ئايروپىلانىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1702997
ماككائۇل، تالىباننىڭ ئامېرىكالىقلارنى ئەسىر ئېلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ماككائۇل تالىبانلارنىڭ مازار شەرىف ئايرودرومىدا 6 ئامېرىكا ئايروپىلانىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ۋاشىنگتون تالىباننى ئېتىراپ قىلمىغۇچە بۇ كىشىلەرنىڭ ئايرىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ماككائول «فوكىس نيۇز» قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا، ئافغانىستاندىن تارقاقلاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى.

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى مازارى شەرىف ئايرودرومىدا ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقان ئافغانىستانلىقلار ئولتۇرغان 6 ئامېرىكا ئايروپىلانىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ماككائۇل، بۇ ئايروپىلانلارنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇشىغا قارىماي، ئىككى - ئۈچ كۈندىن بېرى ئۇچالمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بۇ ئەھۋال ئەسىر تۇتۇپ تۇرۇشقا ئايلىنىپ قالماقتا. ئامېرىكا تالىباننى تولۇق ئېتىراپ قىلغۇچە، ئۇلار ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشىغا يول قويمايدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغاننىڭ ئەكسىچە، ئافغانىستاندا 100-200 ئامېرىكا پۇقراسى ئەمەس، ئۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ ئامېرىكالىقلارنىڭ بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر