ياۋروپا ئىتتىپاقى: تالىبان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشىمىز كېرەك

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېپ بوررېل: «تالىبانلار (ئافغانىستاندىكى) ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشىمىز كېرەك» دېدى.

1693115
ياۋروپا ئىتتىپاقى: تالىبان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە سىن يىغىنىدىن كېيىن ئاخباراتقا بايانات بەردى؛ «تالىبانلار ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىشىمىز كېرەك» دېگەن بوررېل: تالىباننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا بويسۇنۇشى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستان خەلقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بوررېل، بۇ سۆزنىڭ تالىباننى ئېتىراپ قىلىش دېگەنلىك بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «بۇ رەسمىي ئېتىراپ قىلىش ئەمەس، تىزگىنلەش كېرەك، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

بوررېل، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تالىبانلار بىلەن ئورنىتىدىغان ھەر قانداق بىر ھەمكارلىقىنىڭ «تىنچ ۋە سىغدۇرۇشچان ھەل قىلىش چارىسىگە، ئاياللار، ياشلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئافغانىستانلىقلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى»غا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىشلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان ئافغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىل بوررېل: «ئەگەر ئۇلار ئافغانىستاندىن ئايرىلىشنى خالىسا، بىز ئۇلارغا سەل قارىمايمىز، ئۇلارنى ئېلىپ كېلىش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قوغداش ئۈچۈن بارلىق ئىشلارنى قىلىمىز. مەن بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشقا تەييار تۇرۇۋاتقان ئىسپانىيەگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بوررېل، تەخمىنەن 400 ئەتراپىدىكى مەزكۇر كىشىلەرنىڭ كېيىنچە ۋىزا بېرىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە تارقىتىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆڭۈل بۆلىدىغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلىنىڭ ئافغانىستاندىكى يېڭى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ياۋروپاغا كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ توغرىدا ئەزا ۋە مۇساپىرلار بېسىپ ئۆتىدىغان لىنىيەدىكى دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىلىرىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئېلىشقا تېگىشلىك تەجرىبە-ساۋاقلارنىڭ بارلىقىنى ۋە ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ تالىبانلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك خاتا مۆلچەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى، ھەمدە ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تۈركىيە، پاكىستان، ئىران، خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بوررېل ئىشخانىسىنىڭ يازما باياناتىدىمۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافغانىستان مىقياسىدا بارلىق زوراۋانلىقنىڭ دەرھال توختىتىلىشى، بىخەتەرلىك ۋە پۇقرالارنىڭ تەرتىپىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، پۇقرالارنىڭ ھاياتى، ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنىڭ قوغدىلىشى» تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا، توقۇنۇشقا دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان مەنىلىك سۆھبەتلەر ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسى تېپىش كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

2021-يىلى 15-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى پايتەخت كابۇلنى قورشىۋالغان تالىبانلار، پىرېزىدېنت ئەشرەف غەنىنىڭ قېچىشى ۋە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ پايتەختتىن چىقىپ كېتىشىدىن كېيىن، شەھەرنى توقۇنۇشسىزلا تولۇق قولغا كىرگۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر