ناتو: تالىبان ئافغانىستاننى قولغا كىرگۈزگەن تەقدىردە ئېتىراپ قىلىنمايدۇ
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تالىباننىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە دۆلەتنى قولغا كىرگۈزگەن تەقدىردە تالىباننىڭ ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ تۈنۈگۈن ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە كېڭىشىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نىشانىمىز، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قوللاشتۇر، خادىملىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ھەممىدىن مۇھىمدۇر، كابۇلدىكى دىپلوماتىك مەۋجۇدىيىتىمىز داۋاملىشىدۇ.»
تۈرلۈك شەكىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن سىرت يەنە، تالىبان سەۋەب بولۇۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى زوراۋانلىقلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ستولتېنبېرگ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تالىبان، ئەگەر دۆلەتنى زورلۇق بىلەن قولغا كىرگۈزسە، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەك، بىزنىڭ كىرىزىسنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسىنى قوللاش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.