ئىران شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى يولىدىكى توسۇقلارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران دۆلەت بىخەتەرلىك ئالىي كېڭىشى باش كاتىپى ئەلى شەمھانى، دۆلىتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى يولىدىكى سىياسىي توسۇقلارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

1690049
ئىران شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى يولىدىكى توسۇقلارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەمھانى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ سېكرېتارى نىكولاي پاتروشېف بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا ئافغانىستان، سۈرىيە ۋە پارس قولتۇقىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىدىكى سىياسىي توسالغۇلارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىدىن خۇشالمەن. مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەردىن كېيىن ئىراننىڭ ئەزالىقى جەزملىشىدۇ. بۇ بىر خۇش خەۋەر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

1996-يىلى تۇنجى قېتىم خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان تەرىپىدىن «شاڭخەي بەشلىكى» دېگەن نام بىلەن باشلانغان بۇ ئىتتىپاق، 2001-يىلى ئۆزبېكىستان قوشۇلغاندىن كېيىن نامىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتكەنىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىدە دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ تولۇق ئەزالىقىنى ماقۇللاش ئارقىلىق كۈچىنى ئاشۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر