رۇسىيەدە بىر دوختۇرخانىدا ئوكسىگېن تۇرۇبىسى پارتىلاپ كەتتى

رۇسىيەگە قاراشلىق شىمالىي ئوسېتىيە-ئالانيا جۇمھۇرىيىتىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئوكسىگېن تۇرۇبىسى پارتىلاپ كەتتى.

1688786
رۇسىيەدە بىر دوختۇرخانىدا ئوكسىگېن تۇرۇبىسى پارتىلاپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقان 11 نەپەر كوۋىد-19 بىمارى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن قازا قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي ئوسېتىيە-ئالانيا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ۋىلادىكاۋكازدا كوۋىد -19 بىمارلىرى داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا، يەر ئاستى ئوكسىگېن تۇرۇببا لىنىيەسى پارتلاپ كەتكەن.

سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىغان  پارتلاش نەتىجىسىدە، دوختۇرخانىنىڭ ئوكسىگېن سىستېمىسى ۋەيران بولغان.

ئېغىر كېسەللىكلەرنى كۆزىتىش بۆلۈمىدە 71 كىشى داۋالىنىۋاتيقان بولۇپ، نەپەسلىنىش ئۈسكۈنىسىگە چېتىلغان 11 نەپەر كوۋىد -19 بىمارى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن قازا قىلغان.

ۋەقەگە دائىر تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. رايوندىكى بارلىق دوختۇرخانىلاردا ئوكسىگېن سىستېمىسىنىڭ قايتىدىن تەكشۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر