ئامېرىكانىڭ تالىباننىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 21- 22- ئىيۇل كۈنلىرى ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارغا ئاز دېگەندە تۆت قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1679467
ئامېرىكانىڭ تالىباننىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئەمەلدارلارنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 21- ئىيۇلدىن 22- ئىيۇلغىچە ئافغانىستان ئارمىيەسىنى قوللاش مەقسىتىدە تالىبانلارغا تۆت قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ تالىبانلار كۈچلۈك بولغان قەندىھار ۋە قۇندۇز ۋىلايەتلىرىگە قارىتلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان خەۋەردە، ھاۋادىن ياردەم بېرىشنى ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، تالىبان باياناتچىسىنىڭ، ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىق كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىغا خىلاپلىق ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ «سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى سۆزلىرى نەقىل قىلىندى..

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى - پېنتاگون بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشنىڭ تەخمىنەن %95 ئەتراپىدا تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئافغانىستاندا پەقەت ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە كابۇلدىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمنى قوغداش ئۈچۈن 650 ئەتراپىدا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى تۇراقسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

ئافغانىستاندىكى 407 ناھىيەنىڭ 155 دىن كۆپرەكى تالىباننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. تالىبانلار بولسا، كونتروللۇقىدىكى ناھىيە مەركەزلىرى  سانىنىڭ 255 ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

نۆۋەتتە ئافغانىستاندىكى 34 ۋىلايەت مەركىزىنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدا .



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر