ب د ت سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1679397
ب د ت سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش كاتىپ فەرخان ھەق ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون پۇقرانىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېدى.

فەرخان ھەق، ب د ت نىڭ رايوندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرنى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن، پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى.

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئىدلىبنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسكويغا چۈشۈرۈش رايونى چېگراسى ئىچىدىكى ئىبلىن بازىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىرى ئايال، ئۈچ نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي يەتتە پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئۈچ پۇقرانىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

ئۆكتىچى مەنبەلەرمۇ رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى بارا، ئىھسىم ۋە مىرايان يېزىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر