خىتاي ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنگەنلىكىدىن مەمنۇنمۇ؟

خىتاي ئامېرىكا ۋە ناتو قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنىڭ ئافغانىستان خەلقىگە يېڭى پۇرسەت ياراتقانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ئەھۋالنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1675446
خىتاي ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنگەنلىكىدىن مەمنۇنمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ئامېرىكا بىلەن ناتونىڭ رايوندىن چېكىنىشى بىلەن، ئافغانىستان خەلقى دۆلىتىنىڭ تەقدىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىش ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتكە ئېرىشتى» دېدى.

ۋاڭ يى رايوندا قايتىدىن باش كۆتۈرگەن تالىباننىمۇ، تېررورىست گۇرۇپپىلار بىلەن بارلىق ئالاقىلىرىنى ئۈزۈشكە چاقىردى.

ئۇ رايوندا 20 يىل ھەربىي جەھەتتىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئامېرىكانىڭ تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئافغانىستاندىكى رولىنى چوڭقۇر ئويلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر