بايدىننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى نامزاتى مۇئەييەنلەشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتى جو بايدىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سابىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف فلېكنى دۆلىتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە نامزات قىلىپ كۆرسەتتى.

1674995
بايدىننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى نامزاتى مۇئەييەنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فلېك ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ھېساباتىدا ئۆزىنىڭ كاندىداتلىقىنى ئېلان قىلىپ: «پىرېزىدېنت بايدىننىڭ، ئامېرىكانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىشەنچ قىلغان ھالدا مېنى بۇ باش ئەلچى نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەنلىكىدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن ۋە پەخىرلىنىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش ئەلچىلىكىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم ۋاقىتتا ئىنتايىن مۇھىم بىر تەيىنلەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن فلېك، ئايالى چېرىل بىلەن «تۈركىيەنىڭ پەۋقۇلئاددە خەلقى بىلەن تونۇشۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى»نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر